لاۋىيلار 8:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. Gade chapit la |
مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.
يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى.