Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 8:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 مۇسا يەنە بىر قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا سۇنۇلغان قوچقار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 8:22
10 Referans Kwoze  

_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.


ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.


ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.


مۇسا قۇربانلىقنىڭ تۆشىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ تۆش روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا قۇربانلىق قىلىنغان قوچقارنىڭ گۆشىدىن مۇساغا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە ئىدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى.


يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite