17 پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
لېكىن بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرگىن. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر.
ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان.
گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن.
لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.
ئاندىن روھانىي بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدىنقى بۇقىنى قانداق كۆيدۈرگەن بولسا، بۇنىمۇ شۇنداق كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەتنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى.
گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن بۇقا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا كۆيدۈرۈلسۇن.