14 ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.
ھۇزۇرۇمدا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىي زادوق ئەۋلادلىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا بەرگىن.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.
ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ئى خۇدا ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن. قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن. سېلاھ
ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.
ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.
_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.
جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.
لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن.
ئاندىن بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە، ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە قىرىغا سۈركەپ قويغىن. شۇنداق قىلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەممە ناپاكلىقلاردىن پاكلىغىن.
ئۇلار ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىپ، مۇقەددەس جايدىكى خىزمىتىنى قايتا باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرى ئۈچۈن پاكلىنىش قۇربانلىقى سۇنسۇن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.