12 ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا بېغىشلىنىپ، ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭمۇ بېشىغا ياغ قۇيغىن.
ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا.
ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.
ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.
ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ماڭا بېغىشلاپ، ئۇلارغا روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيدۈرگىن ۋە ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلسۇن.
ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
لېكىن سىلەر ئۇلارغا ھازا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدىن چىقماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس يېغى ئۈستۈڭلارغا قۇيۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەندىڭلار. ئۇلار مۇسانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتتى.