10 ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.
_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.
تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر.