Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 7:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 7:35
15 Referans Kwoze  

سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.


سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر.


سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


شۇ كۈنى كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىمەن. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.»


مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.


ئاندىن مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچقىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن.


_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەندە، تۆۋەندىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە ئىش كۆرگىن: بۇقىدىن بىرنى ۋە بېجىرىم قوچقاردىن ئىككىنى تاللىغىن.


_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامارلارنى روھانىيلىققا تەيىنلىگىن.


مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite