Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 7:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 7:34
12 Referans Kwoze  

سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قۇربانلىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى، ئېڭەك گۆشى ۋە قارنىنى روھانىيلارغا بېرىڭلار.


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


ۋە باش كىيىم كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىغىن. شۇندىلا ئۇلار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجراتقىن.


سەن ھارۇننىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگىن. ئۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولسۇن.


ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ.


ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ماڭا بېغىشلىسۇن.


روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇلارغا قوشۇپ يەنە، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە يوتا گۆشلىرى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ روھانىينىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite