پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.