24 يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ مېيىنىمۇ يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.
سىلەر مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇڭلار. يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بېرىڭلار.
ئۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى يەپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.
روھانىيلار مەيلى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان ياكى قۇش بولسۇن، ھېچقايسىسىنى يېمىسۇن.
مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى بۇلغاپ باقمىدىم! مەن بالا ۋاقتىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ۋە باشقا ھارام گۆشلەرنى ئاغزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، _ دېدىم.
ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار.
ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
كالا، قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار.