20 ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
شۇڭا، ھەركىم ئاۋۋال بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئاندىن، ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسۇن.
خەتنە قىلىنمىغان ئەر خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇنداق كىشى ئەھدىنى بۇزغان بولىدۇ.
كىمدەكىم بۇ ياغنىڭ ئوخشايدىغىنىنى ياسىسا ۋە روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ.
ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.
لېكىن پادىشاھ ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلىدە: «بەلكىم ئۇ ناپاك بىر ئىش قىلىپ قالغاندۇ، ئۇ چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، ئويلاپ ئولتۇردى.
ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
قان يېگۈچىلەر خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.»
مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.
بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟