Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 7:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 7:16
17 Referans Kwoze  

سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار.


قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە، ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا! ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار! قىلغان قەسەملىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.


ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا.


ئى خۇدا، ساڭا ۋەدە بەرگەنىدىم كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قەسەم قىلغانىدىم يەلكەمنى ئېغىر كۈن باسقىنىدا. ئېلىپ كىرىپ ئىبادەتخاناڭغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، ئادا قىلىمەن دەپ، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى.


پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيەلەر ۋە بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن جايغا ئاپىرىڭلار.


ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.


دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھېيتلارنىمۇ ئۆتكۈزۈڭلار. يۇقىرىدىكى مەنكى پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان ھەدىيەلەرنى قەسىمىڭلار بويىچە ۋە خالىس ھالدا سۇنىدىغان ھەدىيەلەر ھەمدە دائىملىق ھەدىيەلەردىن سىرت سۇنۇڭلار.


ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.


لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن.


مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللار خالىس ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان بارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.


_ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى، بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite