لاۋىيلار 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.