لاۋىيلار 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن. Gade chapit la |
يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.
پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ھەدىيە قىلىشتى.