لاۋىيلار 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 _ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: Gade chapit la |
پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ھەدىيە قىلىشتى.