9 _ سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى شالادا پۈتۈن كېچە كۆيۈپ تۇرسۇن، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن.
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،
«دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى:
بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.