6 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن.
_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.
ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.
ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.
ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى.
بىز ھەر يىلى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلىمىز بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە قىلىمىز.
ئالدى شىمالغا قارايدىغان ئۆي قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان روھانىيلار ئۈچۈن سېلىنغاندۇر. بۇ روھانىيلار زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. لاۋىيلاردىن پەقەت زادوقنىڭ ئەۋلادلىرىلا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا لايىقتۇر، _ دېدى.