لاۋىيلار 6:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. Gade chapit la |
ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.