Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 6:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 بۇ گۆشكە قۇربانلىقنى سۇنغان روھانىيدىن باشقا كىم تېگىپ كەتسە، شۇ كىشى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرەر كىيىمگە قۇربانلىقنىڭ قېنى چاچراپ كەتكەن بولسا، شۇ كىيىم جەزمەن مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يۇيۇلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 6:27
11 Referans Kwoze  

قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈن گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش ئورنى سۈپىتىدە پاكلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىغا روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق سۇپىسى مۇقەددەستۇر.


خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى.


قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى.


ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.


‹ئەگەر بىرسى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشتىن بىر پارچىنى پېشىگە ئوراپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پېشى نانغا، تائامغا، شارابقا، زەيتۇن يېغىغا ياكى ھەرقانداق بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇلارمۇ مۇقەددەس يېمەكلىك بولامدۇ؟›» ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.


ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.


ماڭا بېغىشلانسۇن. بۇ نەرسىلەرگە روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇقەددەستۇر.


ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى.


ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ.


ئۇلار تاشقىرىقى ھويلىدىكى خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىشتىن بۇرۇن، خىزمىتىمنى قىلغان چاغدا كىيگەن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، مۇقەددەس خانىلارغا قويۇپ قويسۇن ۋە ئۈستىگە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيسۇن. بۇ مۇقەددەس كىيىمنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ كىيىم مۇقەددەستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite