Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 6:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 6:26
14 Referans Kwoze  

سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار. شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يەردە روھانىيلار ئەيىب قۇربانلىقلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنىڭ تاشقىرىقى ھويلىغا ئېلىپ چىقىلماسلىقى ۋە خەلقنىڭ بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەر مۇقەددەستۇر.


ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىبادەتخانىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى ئىمارەتلەردىكى خانىلار مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ يەرلەردە ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى، يەنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى، ئەيىب قۇربانلىقلىرى قاتارلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىقلارنى يەيدۇ ۋە ساقلايدۇ. چۈنكى بۇ خانىلار مۇقەددەستۇر.


ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن.


مۇسا ئىبادەت چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا رەخت تارتىپ، ھويلا ياسىدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشلارنى تاماملىدى.


يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟


نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.


روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.


گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite