Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 6:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 6:22
13 Referans Kwoze  

يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆپ روھانىيلار ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرى چىققان.


ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


(ئىسرائىل خەلقى يائاقانلارنىڭ قۇدۇقلىرى دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، موسېراغا كەلدى. ھارۇن شۇ يەردە ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلئازار ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولدى.


تازىلانغان ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى، يەنى پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە كۆيدۈردى. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.


ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن.


روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.


ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.


ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.


ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن.


سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار. شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite