Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 6:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 6:21
8 Referans Kwoze  

ئەگەر تاۋىدا پىشۇرۇلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندا پىشۇرۇلغان پېتىر نان سۇنسۇن.


ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.


لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.


باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن.


ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن.


ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى، نېپىز پېتىر نانلارنى، چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى.


ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار.


كېسەل كىشى تېگىپ كەتكەن ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ نەرسىلەر سۇدا چايقالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite