Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 6:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 6:17
14 Referans Kwoze  

_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.


ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ.


قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.


_ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر:


روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»


روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنى يېسە بولىدۇ. بۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.


ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا بېغىشلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدۇ.


قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈن گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش ئورنى سۈپىتىدە پاكلىغىن. شۇندىلا قۇربانلىق سۇپىسى ئەڭ مۇقەددەس ئورۇنغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىغا روھانىيلاردىن سىرت ھەرقانداق ئادەم تەگسە بولمايدۇ، چۈنكى قۇربانلىق سۇپىسى مۇقەددەستۇر.


گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.


گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite