16 ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن.
ئىسرائىللار سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەسى، پاكلىنىش ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئىسرائىل خەلقىنىڭ ماڭا ئاتىغانلىرى ئۇلارغا تەۋەدۇر.
قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.
شۇ كېچىسى گۆشنى ئوتتا پىشۇرۇپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى.
شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.
روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.
لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ۋە تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى.