14 _ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن.
قوي قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەجدادلىرىڭلارغا ئاسماندىن چۈشكەن ناننى مۇسا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتام بەرگەن. مانا ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى خۇدائاتام بېرىۋاتىدۇ.
بۇقىغا قوشۇپ، ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن
قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن
قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن.
روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.