4 ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى.
ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، - دېدى.
غەلىبە قىلىپ قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۆيۈمدىن چىققان تۇنجى تىرىك جاننى ساڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، _ دېدى.
خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىغاي!
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
ھىرود خان بۇنىڭغا ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، بۇ تەلەپنى ئورۇنداشنى بۇيرۇدى.
قىزغا نېمە تىلىسە شۇنى بېرىشكە قەسەم قىلدى.
پادىشاھ: _ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.
پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.
ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.
ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر قارغىشقا قالسۇن» دېيىشكەنىدۇق.
بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق. ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى.
ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يېرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.
ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن.
ئەگەر نىكاھلانمىغان بىر قىز ۋەدە قىلىپ ياكى ئويلىماستىن مەلۇم بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن،
ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.
چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ، بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا.