Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئەگەر بىرسى مەيلى ياۋايى ھايۋان، مەيلى ئۆي ھايۋىنى بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، يەنىلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 5:2
16 Referans Kwoze  

ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


چوشقىمۇ سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەستۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ.


ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن: _ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ ناپاك بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار: _ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


سىلەرگە ۋاي! سىلەر خۇددى كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەسسەپ سېلىپمۇ سېزەلمەيدىغان، سېسىپ كەتكەن قەبرىسىز يەرلىككە ئوخشايسىلەر! - دېدى.


كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،


كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.


ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.


پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.


ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھارامدۇر.


ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite