19 بۇ ئەيىب قۇربانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەيىبلىك ئىش قىلغاندۇر.
ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار.
گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.
ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىك يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىللاردا يەنىلا ئۈمىد بار.
ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.
ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككىدىن تۆت ئۈستەل بار ئىدى. بۇ ئۈستەللەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقلىرى ۋە ئەيىب قۇربانلىقلىرى بوغۇزلىناتتى.