17 ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى.
_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.
ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.
لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.
ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
بۇ ئەيىب قۇربانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەيىبلىك ئىش قىلغاندۇر.