لاۋىيلار 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر. Gade chapit la |
ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن.