Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 _ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 5:1
22 Referans Kwoze  

ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار ئوغرى بىلەن شېرىك بولغۇچى، سوتتا يالغان ئېيتسا، لەنەتكە قېلىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇ ئېيتماس راستتىنى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.


ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.


ناۋادا ئۈچىنچى كۈنىمۇ يەنە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى يېيىلسە، قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ ھەم قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ قۇربانلىق سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېگۈچى جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


چۈنكى پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تەۋەدۇر، ئاتىمۇ، بالىمۇ ماڭا تەۋەدۇر. كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ.


ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇر بولۇپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە،


ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.


ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.


ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.


چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.


غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە.


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن سىزدىن ئوغرىلىۋالغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى.


_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:


ھاۋالە قىلىنغۇچى بۇ ھايۋانلارنى ئېلىۋالمىغانلىقى توغرىسىدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسۇن، ھايۋان ئىگىسىمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلەم تۆلىمىسۇن.


بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite