Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 4:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 4:35
40 Referans Kwoze  

خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر.


شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى.


ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار.


مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.»


ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ!


ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى.


خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى.


ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى.


ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى.


خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.


ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.


يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ.


ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى.


شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان.


ئاندىن تىرىك قۇشنى شەھەر سىرتىدىكى دالاغا قويۇۋەتسۇن. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ.


ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.


ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.


شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.


ئىككىنچى پاختەكنى روھانىي قائىدە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.


روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ.


روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.


روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite