33 ئۇ قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن.
بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.
قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.
ئاندىن قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنى ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.
ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.
ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن.
ئاندىن روھانىيلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەرنى پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى.