لاۋىيلار 4:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى31 قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. Gade chapit la |
قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئەمدى سىلەر خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىگە قارىغاندا دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي.