27 ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:
ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن.
پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن.
_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.
ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.»
مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى مانا شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلسۇن.
ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى.
1-ئاينىڭ 7-كۈنى كىشىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ياكى ساددىلىقى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىدىن بۇلغانغان ئىبادەتخانىنى پاكلاش ئۈچۈن، روھانىي يۇقىرىقىدەك ئىش تۇتسۇن.
ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
«ئەگەر سىلەر ھازىر ياكى كەلگۈسىدە مەن پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرلەرنى بىلمەي، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ سالساڭلار
ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن. ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا، ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ.
ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پادىشاھ ھېيت-بايرام كۈنلىرى، يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ.