Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 3:16
19 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.»


ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى. شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.


روھانىي قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا چاچسۇن، مايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنسۇن.


شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت چىقىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە مايلارنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن جامائەت بۇنى كۆرۈپ، خۇشاللىقلىرىدىن چۇقان سېلىشىپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.


مۇسا قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالدى.


قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.


قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، بۆرەك مېيى، شۇنداقلا جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالغىن. چۈنكى قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.


بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرگىن.


ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ.


ھابىلمۇ پادىلىرى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان پاقلانلىرىدىن سويۇپ، مايلىق يېرىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار ھابىلدىن ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىدىن رازى بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite