9 ئەگەر بىرسى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋاندىن بىرەرسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالماقچى بولغان ھايۋان مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن.
بۇنداق ھايۋاننى باشقا ھايۋانغا ئالماشتۇرۇشقا ۋە بېجىرىمىنى بېجىرىم بولمىغىنىغا، بېجىرىم بولمىغىنىنى بېجىرىمىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلىنىپ، ماڭا تەۋە بولىدۇ.
_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.
يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ.
ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. شۇنداق قىلساڭ، خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن. نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇدەكسەن؟!
بۇ يەرلەرنى سېتىشقا ياكى باشقىلارنىڭ يەرلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يەرلەر ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە يەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت ماڭا تەۋە مۇقەددەس يەر بولىدۇ.
لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېگەن كىشىنىڭ