32 كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى پادىچىنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەربىر ئونىنچىسى ماڭا تەۋە بولۇپ، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەن: تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.
مەن سىلەرنى تاياق ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تەكشۈرىمەن ۋە ئەھدىگە رىئايە قىلدۇرىمەن.
ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن.
ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.
ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم.