لاۋىيلار 27:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى30 زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، مەيلى يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل بولسۇن، مەيلى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ماڭا تەۋەدۇر. بۇلار ماڭا مۇقەددەستۇر. Gade chapit la |
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.
ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.