27 ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن.
ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
_ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر.
مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ.
ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.