Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 27:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 _ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 27:26
9 Referans Kwoze  

_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.


پادىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاڭلار. ئەركەك كالىلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرى بىلەن يەر ھەيدىمەڭلار ھەم قوچقارلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قىرقىماڭلار.


ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلسۇن. مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.


كالا، قويلىرىڭلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك بالىلىرىنىمۇ ماڭا ئاتاڭلار. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتاڭلار.


ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇگۇم چۈشكەندە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىن كەلدى، ئەمما ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى.


تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite