15 ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ.
ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
ئەگەر بىرسى ئۆيىنى ماڭا ئاتىغان بولسا، روھانىي ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتسۇن، روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن.
ئەگەر بىرسى مىراس قالغان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا ئاتىسا، روھانىي يەرنىڭ باھاسىنى يەرگە تېرىلىدىغان ئارپا ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتسۇن. 60 كىلو ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنىڭ باھاسى 600 گىرام كۈمۈشتۇر.
ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن.