12 روھانىي ئۇنىڭ بېجىرىم ياكى بېجىرىم ئەمەسلىكىگە قاراپ، باھاسىنى بېكىتسۇن. روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن.
ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.
ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
روھانىي يەر سېتىۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانىغا قاراپ، يەرنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. يەر ئىگىسى بېكىتىلگەن باھا بويىچە شۇ كۈنى ھەق تۆلىسۇن. پۇل ماڭا ئاتالسۇن.
بۇرۇن يوئاش روھانىيلارغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن، ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.