لاۋىيلار 26:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى44 ئەمما ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن ۋە ئۆچ كۆرمەيمەن ھەمدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇدەك ۋە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك دەرىجىدە نەپرەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن. Gade chapit la |
لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى يىھوئاخازنىڭ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى.
ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.