40 لېكىن سىلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، يەنى ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىڭلار ۋە قارشىلىقلىرىڭلارنى ئېتىراپ قىلىسىلەر.
روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.
ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».
ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك.
ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ
ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، يولدىن ئېزىپ، يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ،
يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.
مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.
ئەگەر بىرسى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ بىرەرسىدە ئۆزىنى ئەيىبكار دەپ بىلسە، ئۇ قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن.
ئەمدى سىلەر گۇناھىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە يات خەلقلەردىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى.
ئى پەرۋەردىگار، بىز رەزىللىكلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەزىللىكلىرىنىمۇ ئىقرار قىلىمىز. بىز ساڭا قارشى گۇناھ سادىر قىلدۇق.
ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا، يەنى سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا،
دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىم، ھەقىقەتەن خىجىلمەن! نومۇستىن ئالدىڭدا يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، قىلمىشلىرىمىز چېكىگە يەتتى.
ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! بۈگۈن بىز ئاز بىر قىسمىمىز بولسىمۇ، قۇتۇلدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.»
ئېھ پەرۋەردىگار، باققىن مېنىڭ ھەسرەتلىرىمگە. ئاسىيلىق قىلدىم ساڭا، يۈرىكىم پۇچۇلۇپ، روھىم سولماقتا شۇڭا. كوچىلاردا قىرغىنچىلىق، ئائىلىلەردە ئۆلۈم ھۆكۈم سۈرمەكتە.
سىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، مېنىڭ يېرۇسالېمنى سەۋەبسىزلا جازالىمىغانلىقىمدىن تەسەللى تاپىسىلەر. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»