Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:4
31 Referans Kwoze  

خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن.


يەر-زېمىندىن ئالدۇق ھوسۇلنى، خۇدايىمىز بەختىيار قىلدى بىزنى.


باغلىرىڭلاردىن ۋە ئېتىزلىرىڭلاردىن مول ھوسۇل ئالدۇرىمەن. ئەمدى سىلەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن يات ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايسىلەر.


پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ.


زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ.


پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ئەرشتىكى خەزىنىسىنى ئېچىپ، ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ھەممە ئىشىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەر باشقا نۇرغۇن ئەللەرگە قەرز بېرىسىلەركى، ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر.


ئۇ زېمىنىڭلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا كۈز يامغۇرى، باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىغا ئىگە قىلىدۇ.


مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ.


شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟


شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار.


ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.


ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.


شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر-تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى.


يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟ ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟ ياق! پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە، چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن.»


مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن، ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ، ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ، بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغماسلىققا ئەمر قىلىمەن.»


ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى.


گىلئادنىڭ تىشبى يېزىسىدىن بولغان ئىلياس پەيغەمبەر پادىشاھ ئاخابقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم چۈشمەيدۇ، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى.


يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر.


ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار،


خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.


ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ، كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ.


ئەي دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار، ئوتلاقلار ياپيېشىل كۆكلەيدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بېرىدۇ، ئەنجۈر، ئۈزۈم شاخلىرى مېۋىگە تولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite