39 ھايات قالغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا ئازاب چېكىسىلەر.
ئۇلارنىڭ ئاشلىقى ۋە سۈيى كەمچىل بولىدۇ. ئۇلار ۋەھىمە ئىچىدە بىر-بىرىگە قارىشىدۇ، ئاخىرى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ ھالاك بولۇشىدۇ، _ دېدى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر: ‹بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىمىز يەلكىمىزدىدۇر. بىز بارغانسېرى ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتىمىز، قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمىز؟› دەيسىلەر.»
بېشىڭلارغا سەللە يۆگەپ، پۇتۇڭلارغا ئاياغ كىيىپ يۈرىسىلەر. ھازا ئاچمايسىلەر، پەرياد قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، گۇناھىڭلار سىلەرنى تۈگەشتۈرىدۇ، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا ئىڭراپ دەرد تۆكىسىلەر.
ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.
سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ.
ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن ساداقەتسىزلىكنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرۋەردىگار خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».
ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
سىلەر ئۇ يەردە، بۇرۇن قىلغان قىلمىشىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان ناپاك ئىشلارنى ئەسكە ئالىسىلەر ۋە قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىڭلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.
سىلەر: «بالىسى نېمە ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتمايدۇ؟» دەپ سورايسىلەر. چۈنكى بالىسى ئادىل ھەم دۇرۇس ئىش قىلدى، مېنىڭ قانۇنۇمغا ئەمەل قىلدى، شۇڭا ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.
ئاچلىقتا ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر جەڭدە ئۆلگەنلەر، قىينىلىپ ئۆلۈپ كېتەر ئاچلىقتا ئۆلگەنلەر.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ھېچكىم: ‹ئاتا-ئانىسى ئاچچىق ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ› دېگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»
لېكىن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، سىلەرنى خەلقىمنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىغان جايغا قايتا يىغىمەن› دېگەنىدىڭ.
_ مەن سىلەرگە دېگەن بارلىق بەخت ۋە قارغىشلار بېشىڭلارغا كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى سۈرگۈن قىلغان ئاشۇ ئەللەردە تۇرۇپ، ئاشۇ ئەھدىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار.
ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن.
مېھىر-مۇھەببىتىم مىڭلىغان ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئاسىيلىقلىرىنى ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرىمەن. لېكىن گۇناھىغا توۋا قىلمىغان گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن.
بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار. ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن. ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن. يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن!
جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.
يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى، سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە، تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار، ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.
ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، خۇددى باشقا ئەللەر كۆز ئالدىڭلاردا ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرمۇ چوقۇم ھالاك بولىسىلەر.
‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالا-قازانى بۇ زېمىنغا ۋە بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارغا چۈشۈرىمەن.
ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن تارتىپ ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ياشىدۇق. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن خەلقىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىندى ۋە خورلاندى. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز.