37 گەرچە سىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قاچقاندەك قېچىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىسىلەر. دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىلەر.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.
گەرچە سىلەر، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارلىنىپ چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.»
ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.
ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەس، سىلەر دۈشمىنىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىسىلەر.
مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.»
مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن. ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يۇرتىمىزغا قايتايلى، دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ.
ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.
فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن لەشكىرىنى ئۆلتۈردى.