Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لاۋىيلار 26:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




لاۋىيلار 26:36
31 Referans Kwoze  

ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»


مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.


قورقۇنچتىن خەلقىمنىڭ يۈرەكلىرى يېرىلسۇن، كۆپلىرى ھالاك بولسۇن. شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئۇ قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇ چاقماقتەك پارقىرايدۇ، قىرغىنغا تەييار تۇرىدۇ.


ئەي ئادەم بالىسى، ۋارقىراپ يىغلا، چۈنكى بۇ قىلىچ مېنىڭ خەلقىمگە ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرىگە قارشى تۇرىدۇ. يېتەكچىلەر قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، خەلقىم بىلەن بىرگە قىرىلىدۇ. شۇڭا سەن مەيدەڭگە مۇشتلا.


ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.


سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.


قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار.


گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. شۇڭا يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ئاسانلا ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئولجا ئېلىندى.


ئىسرائىللار گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇشۇپ، ئارقىلىرىغا چېكىنىشتى.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.


تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى.


ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى.


سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.


يېرىڭلار قانچە ئۇزۇن چۆللۈكتە تۇرسا، شۇنچە ئۇزۇن دەم ئالىدۇ، چۈنكى سىلەر يۇرتۇڭلاردا ياشىغان ۋاقىتلاردا، يېرىڭلارنى دەم ئېلىش يىللىرى دەم ئالدۇرمىغانىدىڭلار.


ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ باردى. ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپكە چېكىنىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 36 ئادىمى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن سۇ بولۇپ كەتتى.


ماڭا ئوخشاش شامالدا تۆكۈلۈپ چۈشكەن بىر تال يوپۇرماقنىمۇ قورقۇتماقچىمۇسەن؟ قۇرۇق ساماننىمۇ قوغلىماقچىمۇسەن؟


باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.


گەرچە سىلەر، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارلىنىپ چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.»


مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن. ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يۇرتىمىزغا قايتايلى، دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ.


يەھۇدىيە خەلقى ئازاب چەكتى، قۇل بولدى، سۈرگۈن بولۇپ يىراقلارغا، يات ئەلگە، تاپالمىدى باش تىققۇدەك بىرەر ماكان ئۆزلىرىگە. تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان چاغدا ئۇلار، ئەسىرگە چۈشتى قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلىرىگە.


پۈتۈنلەي يوقالدى سىئوننىڭ شان-شەرىپى، چۆپ تاپالمىغان كېيىككە ئوخشاپ قالدى يولباشچىلىرى، ئوۋچىلاردىن قېچىشقا يوقتۇر ئۇلارنىڭ مادارى.


بۈركۈتتىن تېزدۇر بىزنى قوغلىغۇچىلار، تاغلاردا بىزنى قوغلاپ كېلەر، بۆكتۈرمە قويۇپ چۆلدە، كۈتۈپ تۇرار.


ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.


قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى، جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.


لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite