29 سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.
ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.
خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.
چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ.
سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟
سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»